قاچماق
Latin: qachmaq verb B1-
to escape, get away, run away
· مەن تامدىن ئارتىلىپ قاچتىم I escaped over the wall
- ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلماق to escape death
- قورقۇپ قاچماق to be afraid and run away
- ئورمالىققا قاراپ قاچماق to escape into the forest
- ئاپەتتىن قاچماق to escape from a disaster
-
to avoid, to pull back from, to keep out of the way of, to shirk
- نەزىرىدىن قاچماق (i) to avoid smb.'s gaze; (ii) to keep out of sight
- ئىسسىقتىن قاچماق to escape from, avoid the heat
- جاپادىن قاچماق to shirk hardship
- ئاۋارىچىلىكتىن قاچماق to avoid trouble
-
to shift (blame, responsibility)
- جاۋابكارلىقتىن قاچماق (i) to shirk responsibility, put off responsibility; (ii) to put the responsibility (blame) onto others
- مەسئۇلىيەتتىن قاچماق (i) to shirk responsibility; (ii) to put the responsibility (blame) onto others
- to escape (from prison), to desert (a soldier, serviceman, etc.)
-
to move away from
· تام سەل قېچىپ كېچىپتۇ. تىرەك قويۇپ قويۇڭلار the wall has moved out slightly, put in a support
- مەركەزدىن قېچىش كۈچى centifugal force
- to fear, dislike · بۇ بالا تىلەمچىنى كۆرسىلا قاچىدۇ this child just has to see a beggar and he's afraid
- to withdraw from, to break off from · ئابلىز مەتكەپتىن قېچىپ، مەكتەپتە ئوقۇماپتۇ Abliz withdrew from school and didn't study· ئۇ بىزدىن بارغانسېرى قېچىۋاتىدۇ he is withdrawing from us more and more
-
to evaporate (water content), to escape (heat, etc.), to disappear
· تۇرۇپنىڭ سۈيى قېچىپ كېتىپتۇ the turnip has dried up
- تاۋى قاچماق the heat escapes
- ئاچچىق كەلگەندە، ئەقىل قېچىپتۇ (prov.) when anger rises, wisdom disappears
- ئاش كەلسە، ئىمان قېچىپتۇ (prov.) when the food arrived, piety left
Forms
- قاچىمەن
- present-future · I (مەن)
- قاچتى
- past · he, she, they (ئۇ)
- قېچىۋاتىمىز
- doing now · we (بىز)
- قاچمايدۇ
- present-future · not · he, she, they (ئۇ)
In Uyghur
پ ① خەۋپ - خەتەردىن ، ۋەھىمىدىن ساقلىنىش ياكى ئۆزىنى دالدىغا ئېلىش ، قۇتۇلۇش ئۈچۈن يۈگۈرۈپ ئۇلاردىن يىراقلاشماق ، باشقا يىراق بىرەر تەرەپكە ماڭماق : ئىچ مايماقنى ئېلىپ قاچ ، تاش مايماقنى تاشلاپ قاچ (ماقال) . ② ئۆزىنى چەتكە ئالماق ، يىراقلاشماق : ياخشىغا يانداش ، ياماندىن قاچ (ماقال) . * ئىماملىقتىن قاچ ، مەزىنلىكنى تالاش (ماقال) . ③ تۈرمە ، سولاق قاتارلىقلاردىن بىلدۈرمەي ، يوشۇرۇنچە قۇتۇلۇپ چىقماق : بۇ كىشى تۈرمىدىن قاچقان كىشىگە ئوخشاپ تۇراتتى . ④يىراقلاشماق ؛ نېرى كەتمەك : مەركەزدىن قېچىش كۈچى . * تام سەل قېچىپ قاپتۇ . تىرەك قويۇپ قويۇڭلار . ⑤ مۇناسىۋەتنى ئۈزمەك ، ئاجرالماق ، ئۆزىنى تارتماق : ئۇ بارغانسېرى بىزدىن قېچىۋاتىدۇ . بۇنىڭ نېمە ئۈچۈنلىكىنى مەنمۇ بىلمەي قالدىم . ⑥ مەسئۇلىيەت ياكى شۇ قاتارلىقلارنى تەرك ئەتمەك ، ئۇنىڭدىن ئۆزىنى تارتماق ، ئەپلەپ - سەپلەپ ئۆزىنى چەتكە ئالماق : - بۇ جاۋابكارلىقتىن قېچىش ، - دېدى قاسىم يەر ئاستىدىن باشلىققا قاراپ غۇدۇراپ . ⑦يوقالماق ، يوق بولماق ، كەتمەك ؛ كېمەيمەك ، ئازايماق ، دەرىجە جەھەتتە تۆۋەنلىمەك : تاۋى قاچماق . بەرىكىتى قاچماق . * ئاچچىق كەلگەندە ، ئەقىل قاچىدۇ (ماقال) . * ئاش كەلسە ، ئىمان قېچىپتۇ (ماقال) .
Learn قاچماق in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.