ئەزمەك
Latin: ezmek verb B2-
to grind into powder
- بوياقنى ئەزمەك to grind up dye
- to oppress · ئۆتمۈشتە ئۇ دېھقانلارنى بەك ئەزگەن he oppressed the peasants in former times
-
to make fatigued, to wear smb. out
- گەپنى ئېزىپ ئىچۈرمەك to say over and over, to explain in wearisome detail to smb., to tell over and over again
Forms
- ئېزىمەن
- present-future · I (مەن)
- ئەزدى
- past · he, she, they (ئۇ)
- ئېزىۋاتىمىز
- doing now · we (بىز)
- ئەزمەيدۇ
- present-future · not · he, she, they (ئۇ)
In Uyghur
پ ① بېسىپ مىجىقلىماق ، يانجىماق ؛ سىقىپ سۈيىنى چىقارماق :غۇلام ئالدىراش يۈگۈرۈپ كىردى - دە ، پىشىپ تۈۋىگە چۈشكەن بىر شاپتۇلنى دەسسەپ ئېزىۋەتتى . ②ئۇرۇپ ، سوقۇپ ئۇۋاقلىماق ، يۇمشاتماق ، ماكچايتماق : ئۇ يۇمشىتىلىدىغان خام دورىلارنى ھاۋانچىدا ئېزىۋاتاتتى . ③نەمدەپ ياكى سۇغا ئارىلاشتۇرۇپ تەمىنى چىقارماق ، سۇيۇقلۇققا ئايلاندۇرماق : گۈلسۈم چاي ئىستاكانلىرىغا چاقماق قەنت سالدى - دە ، چاي قوشۇقى بىلەن ئاستا مالتىلاپ ئېزىشكە باشلىدى . ④ كۆچمە . جەبىر ، زۇلۇم سالماق ؛ ئېكسپىلاتاتسىيە قىلماق : ھۇسەيىننىڭ دادىسى گومىنداڭنىڭ چوڭ بىر ئەمەلدارى بولۇپ ، خەلقنى ئېغىر ھالدا ئەزگەنىدى . ⑤كېسەل ياكى قىيىنچىلىق جىسمانىي جەھەتتىن بوشاشتۇرماق : خۇشاللىقنى ئۇنتۇدى پەرھات ،يۈزلىرىدىن كۆچتى قىزىللىق . كۆزلىرىدە ئوينىدى ھەسرەت ، ئەزدى ئۇنى مىسكىن يېتىملىك . ⑥ روھىي جەھەتتىن ئازابلىماق ، چۈشكۈنلۈككە ئۇچراتماق ، قىينىماق ؛ بىئارام قىلماق ، ھاياجانلاندۇرماق : ئۇنىڭ ھازىرقى ھالى يۈرەك - باغرىمنى ئەزدى . قىزنىڭ مۇڭلۇق ناخشىسى يۈرىكىمنى ئەزدى . ⑦بىرەر گەپنى ئەزمىلىك بىلەن سوزماق ، گەپنى چايناپ ئۇزارتماق : ئۇ بىرھازا ئەزمىسىنى ئەزدى ، ئاڭلىماي كېتىۋېرەي دېسەم ، «ھال پەيدا بولۇپ قاپتۇ» ، دەپ ئويلاپ قېلىشىدىن ئەنسىرىدىم .
Learn ئەزمەك in real texts
With a free account, hover any word in the library for its meaning, hear it read aloud, save words for review timed to your memory, and see how much of each book you already know.