ئادىلنىڭ بىر توپى بار.
ئۇنىڭ توپى قىزىل.
بۈگۈن توپى يوق.
ئادىل «توپۇم قەيەردە؟» دەيدۇ.
كارىۋاتنىڭ ئاستىدا يوق.
ئۈستەلنىڭ ئۈستىدىمۇ يوق.
ئادىل باغقا چىقىدۇ.
باغدا بىر ئىت بار.
ئىتنىڭ يېنىدا قىزىل توپ بار!
ئادىل «مانا توپۇم!» دەيدۇ.
ئادىل بەك خۇشال.
ئادىل ئىت بىلەن توپ ئوينايدۇ.