بۇ بىر كىچىك ئۆچكە.
ئۇنىڭ رەڭگى ئاق.
كىچىك ئۆچكە يىراققا ماڭىدۇ.
ئۇ ماڭىدۇ، ماڭىدۇ، ماڭىدۇ.
ئەمدى ئۇنىڭ ئۆيى يىراق.
كىچىك ئۆچكە چارچايدۇ.
ئۇ ئانىسىنى چاقىرىدۇ.
ئانىسى ئۇنى ئاڭلايدۇ.
ئانىسى ئۇنى تاپىدۇ.
ئانىسى «بالام، ئۆيگە بارىمىز!» دەيدۇ.
ئۇلار بىللە ئۆيگە ماڭىدۇ.
ئەمدى كىچىك ئۆچكە خۇشال.