بۇ بىر ناۋاي.
ئۇ قەشقەردە تۇرىدۇ.
ناۋاينىڭ بىر تونۇرى بار.
تونۇر چوڭ ۋە يۇمىلاق.
تونۇرنىڭ ئىچى بەك ئىسسىق.
ناۋاي تونۇردىن سامسا ئالىدۇ.
سامسا ئىسسىق ۋە سېرىق.
سامسىنىڭ ئىچىدە گۆش بار.
ئىچىدە پىيازمۇ بار.
سامسا بەك خۇش پۇرايدۇ.
كىشىلەر سامسا ئالىدۇ.
مەنمۇ ئىككى سامسا ئالىمەن.