بۇ قىز سابىرە.
سابىرە ئالتە ياشتا.
ئۇ ئىستانبۇلدا تۇرىدۇ.
ئۆيدە ئانىسى بىلەن ئۇيغۇرچە سۆزلەيدۇ.
سابىرە مەكتەپكە بارىدۇ.
مەكتەپتە دوستلىرى كۆپ.
مەكتەپتە دوستلىرى بىلەن تۈركچە سۆزلەيدۇ.
سابىرە ئىككى تىل بىلىدۇ.
ئۆيدە «ياخشىمۇسىز» دەيدۇ.
مەكتەپتە «مەرھابا» دەيدۇ.
سابىرە ئىككى تىلنى ياخشى كۆرىدۇ.