بۈگۈن ئائىلە زىياپىتى بار.
ماھىرە قىزىل كۆڭلەك كىيىدۇ.
ئۇنىڭ كۆڭلىكى ئەتلەس.
ئەتلەس بەك چىرايلىق.
ئۇنىڭ دادىسى ئاق كۆينەك كىيىدۇ.
ئۇ يەنە دوپپا كىيىدۇ.
دوپپا قارا ۋە ئاق.
ئانىسى يېشىل كۆڭلەك كىيىدۇ.
ماھىرە ئەينەككە قارايدۇ.
ئۇ «كۆڭلىكىم بەك چىرايلىق!» دەيدۇ.
ھەممە ئادەم زىياپەتكە تەييار.