ئۇنىڭ ئىسمى ئەكبەر.
ئەكبەر مەكتەپكە ئاپتوبۇستا بارىدۇ.
ئاپتوبۇس چوڭ ۋە كۆك.
ئاپتوبۇستا ئادەم كۆپ.
ئەكبەر دېرىزىنىڭ يېنىدا ئولتۇرىدۇ.
ئۇ دېرىزىدىن قارايدۇ.
سىرتتا دۇكانلار بار.
نان دۇكىنى، مېۋە دۇكىنى…
سىرتتا دەرەخلەرمۇ بار.
دەرەخلەر ئېگىز ۋە يېشىل.
ئاپتوبۇس مەكتەپنىڭ ئالدىدا توختايدۇ.
ئەكبەر ئاپتوبۇستىن چۈشىدۇ.