بۈگۈن چۈشلۈك تاماق لەغمەن.
ئاپام لەغمەن قىلىدۇ.
لەغمەن بەك ئۇزۇن.
ئاپام گۆش ۋە كۆكتات قورۇيدۇ.
قازاندا پەمىدۇر، لازا ۋە پىياز بار.
دادام ۋە ئىنىم ئۈستەل يېنىدا ئولتۇرىدۇ.
ئاپام ھەممەيلەنگە لەغمەن بېرىدۇ.
ھەممەيلەن «بەك مەززىلىك!» دەيدۇ.
مەن ئىككى قاچا لەغمەن يەيمەن!
ئاپام بەك خۇشال.