مېنىڭ ئىسمىم تۇرسۇن.
مەن ئۈزۈمنى بەك ياخشى كۆرىمەن.
مەن يېشىل ئۈزۈمنى ياخشى كۆرىمەن.
مېنىڭ بىر سىڭلىم بار.
سىڭلىم قىزىل ئۈزۈمنى ياخشى كۆرىدۇ.
بوۋام تۇرپاندا تۇرىدۇ.
بوۋامنىڭ چوڭ بېغى بار.
باغدا نۇرغۇن ئۈزۈم بار.
يېشىل ئۈزۈم ۋە قىزىل ئۈزۈم بار.
تۇرپاننىڭ ئۈزۈمى بەك تاتلىق.