مېنىڭ ئىسمىم گۈلنار.
بىر ھەپتىدە يەتتە كۈن بار.
دۈشەنبە كۈنى مەكتەپكە بارىمەن.
سەيشەنبە كۈنىمۇ مەكتەپكە بارىمەن.
چارشەنبە، پەيشەنبە، جۈمە: يەنە مەكتەپ!
شەنبە كۈنى بازارغا بارىمەن.
بازاردا ئاپام بىلەن مېۋە ئالىمىز.
يەكشەنبە كۈنى بوۋامنىڭ ئۆيىگە بارىمەن.
بوۋام بىلەن چاي ئىچىمىز.
يەكشەنبە بەك ياخشى كۈن.