بۇ مومامنىڭ ئاشخانىسى.
مومام ئالمۇتىدا تۇرىدۇ.
ئاشخانا كىچىك.
ئاشخانىدا چوڭ قازان بار.
ئاشخانىدا بىر ئۈستەل بار.
ئۈستەلدە نۇرغۇن قاچا بار.
ئۈستەلدە بىر چەينەك بار.
چەينەكتە ئىسسىق چاي بار.
مومام قازاندا تاماق قىلىدۇ.
تاماق بەك مەززىلىك.
ئاشخانا كىچىك، ئەمما ئىللىق.