ئەتىگەن سائەت سەككىز.
مۇئەللىم دەرسخانىغا كىرىدۇ.
— ياخشىمۇسىز، مۇئەللىم!
— ياخشىمۇسىلەر، بالىلار!
ئەھۋالىڭلار قانداق؟
— مەن ياخشىمەن، رەھمەت.
— سەنچۇ، ئايگۈل؟
— مەن سەل ھارغىنمەن.
— ئابدۇللا، سەنچۇ؟
— مەن بەك خۇشالمەن!
— نېمىشقا خۇشالسەن؟
— بۈگۈن مۇزىكا دەرسى بار!
— بەك ياخشى!
ئولتۇرۇڭلار، بالىلار.