غۇلجا ئىلى دەرياسىنىڭ بويىدا.
بۇ يەردە تۆت پەسىل ناھايىتى ئېنىق.
ئەتىيازدا ئالما دەرەخلىرى چېچەكلەيدۇ.
پۈتۈن شەھەر ئاپئاق بولىدۇ.
يازدا ھاۋا ئىسسىق.
بالىلار دەريادا سۇ ئۈزىدۇ.
كەچتە كىشىلەر ھويلىدا چاي ئىچىدۇ.
كۈزدە ئالمىلار قىزىرىدۇ.
غۇلجا ئالمىسى ناھايىتى تاتلىق ۋە شىرنىلىك.
بازاردا ئالما ئەرزان.
قىشتا نۇرغۇن قار ياغىدۇ.
بەزىدە قار تىزغىچە بولىدۇ.
ھاۋا بەك سوغۇق.
بالىلار قاردا ئوينايدۇ ۋە قار ئادەم ياسايدۇ.
غۇلجىلىقلار ھەر پەسىلنى ياخشى كۆرىدۇ.